Uyghur主要词典
رىككېتسىيە
بىئولوگىيە
ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلارغا كىرىدۇ. كۆپلىگەن بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، باكتېرىيىگە يېقىن كېلىدۇ، ھەمدە مەخسۇس ھۈجەيرە ئىچىدە پارازاىت ياشايدىغان كىچىك ۋە مۇھىم مىكرو ئورگانىزملار گۇرۇپپىسىنى تۈزىدۇ. باكتېرىيە تېنى تاياقسىمان، شارسىمان، قوش شارسىمان ياكى يىپسىمان بولۇپ، تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، بەزىلىرى كۆپ خىل شەكىللىك بولۇپ، دائىم ئۆسىدىغان توقۇلما ۋە ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىراق زەھەر كۈچى ئۆزگەرمەيدۇ. شارسىمانلىرىنىڭ دىئامېتر 0.2 ~ 0.5 مىكرومېتىر ، تاياقسىمانلىرىنىڭ دىئامېترى 0.2 ~ 0.5 × 0.3 ~ 2.0 مىكرومېتىر بولىدۇ. ئايرىملىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتمەيدۇ. ھەرىكەت قىلمايدۇ، بىخ سپورىسى بولمايدۇ. ئىشقارلىق بوياقلاردا ئاسان بويالمايدۇ، بىراق گېمزا ياكى ماككىۋىلو بوياش ئۇسۇلىدا بويىغاندا، ئادەتتە گرام مەنپىي بويىلىدۇ. پارازاىت ئىگىسىنىڭ سىتوپلازمىسى ياكى يادروسىدا ياشايدۇ، ئايرىم تۈرلىرى سۈنئىي ئۆستۈرگۈچتە ئۆسىدۇ. ئىككىگە بۆلۈنۈش ئۇسۇلىدا كۆپىيىدۇ. ھەر خىل رىككېتسىيىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پارازىت قىلىندىغان تەبىئىي ھايۋان ئىگىلىرى بولىدۇ؛ ھاشاراتلارنى ۋاستە قىلىپ ئاەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا تارقىلىپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىنگلىزچە
تېبابەت
باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇس ئارىلىقىدىكى بىر خىل مىكرو ئورگانىزم. باكتېرىيىلەردىن كىچىك بولۇپ، ئادەتتىكى مىكروسكوپلاردا كۆرگىلى بولىدۇ، پەقەت تىرىك توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدىلا كۆپىيەلەيدۇ.