Uyghur主要词典
رىكاسولى
دۇنيا تارىخى
(1809 - 1880) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1861 - 1862، 1866 - 1867). توسكانادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائئىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپ ھۈرىيەتچى بولغان. 1847-يىلى <ۋەتەن> گېزىتىنى چىقارغان. كېيىن 1848 - 1849-يىللاردىكى ئىنقىلابقا پائال قاتناشقان. توسكانا ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يېزىغا قايتىپ كەتكەن. 1859-يىلى يەنە بىر قېتىم توسكانا ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەزكۇر بەگلىكنىڭ ئىستىبداتى بولۇۋالغان. (1859 - 1860). توسكانا بىلەن ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىرلىشىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 1860-يىلى 3-ئايدا ئىككى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1860 - 1861-يىللىرى توسكانانىڭ باش ۋالىيسى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچيتىپ، ئىتالىيىنى 59 ئۆلكىگە بۆلۈپ، ئۆلكە باشلىقىنى مەركەزدىن تەيىنلەشنى يولغا قويغان. پېمونت ئاساسىي قانۇنى بىلەن مەمۇرىي نىزامنى يولغا قويغان، ۋېنىتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان؛ مەنىۋى ۋاسىتە ئارقىلىق رىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان، ئەركىن چېركاۋ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، سىياسىي ساھەدىن ئايرىلغان.