Uyghur主要词典
رەسمىيلەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
رەسمىي يول بىلەن تەستىقلانماق، رەسمىي تۈس ئالماق، رەسمىي بولماق.
ھۆججەتلەر رەسمىيلەشتى.
ئادەتكە، قائىدە - يوسۇنغا ئايلىنىپ قالماق.
شائىر <ئەل> دېگەندە، ئۇنى كىشىلەر ئاغزىدا رەسمىيلىشىپ قالغان رەسمىيەت بويىچە ئېيتمايدۇ.
بىرەر ئورۇن، تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا ياكى خادىملىقىغا ئۆتمەك.
ھەلىمە پارتىيە ئەزالىقىغا رەسمىيلەشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئەدەپ - ئەخلاققا زىت، يامان ئىش - ھەرىكىتى، يۈرۈش - تۇرۇشى بىلەن كىشىلەر نەزىرىدىن چۈشۈپ قالغان؛ پەس، پەسكەش، رەزىل.
ھەزرىتىم مېنى ئۇچىغا چىققان رەسۋا ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ.
ۋاھاپ ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ: - مەن ئەمدى ئۇ رەسۋانى ئالمايمەن، - دېدى.
كىىشنى بىزار قىلىدىغان، يىرگەندۈرىدىغان؛ ناھايىتى سەت، تېتىقسىز، يامان، ناچار.
رەسۋا گەپ.