Uyghur主要词典
رەسمىيەت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىشنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى بىرەر تەشكىل تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بېجىرىلىش تەرتىپى، بېجىرىلىش رەسىم - قائىدىسى.
رەسمىيەت ئۆتىمەك.
بىرەر ئىشنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى بىرەر تەشكىل تەرىپىدىن بېجىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان خەت، تونۇشتۇرۇش ۋە ئالاقە قاتارلىقلار.
- نېمىشقا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىسىز؟ قېنى، بۇ يەرگە كىرىشتىكى رەسمىيىتىڭىزنى چىقىرىڭ! - دېدى ئۇ سىيىت ئاكىغا خاپا بولۇپ.
ئۇزۇندىن بېرى خەلق تۇرمۇشىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن ئادەت، يوسۇن.
ئۇ جاپپارنى كۆرۈپ ئۆزىنى سەل تۇتۇۋالدى - دە، رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا: - باشلىق، ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟ - دەپ سوراپ قويدى.
باشقىلارغا كۆرسىتىش مەقسىتىدە قىلىنغان شەكلەن ئىش.
ئۇ ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن ياتلىق بولدى، لېكىن ئۇ پەقەت رەسمىيەتنى ئادا قىلىشلا بولدى، خالاس.