Uyghur主要词典
رەسمىيەتچىلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەربىر ئىشنى، مەسىلىنى بېجىرگەندە قۇرۇق رەسمىيەتكە ئېسىلىۋېلىش، شەكىلۋازلىق قىلىش، شەكلەن ئىش قىلىش.
رەسمىيەتچىلىك قىلماق.
باشقىلارغا كۆرسىتىش مەقسىتىدە ساختىلىق بىلەن ئىش قىلىش؛ شەكىلۋازلىق.
ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ھەرگىزمۇ رەسمىيەتچىلىك ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش بولماستىن، بەلكى كەمچىلىك - خاتارلىقنى تۈگىتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.
كىشىلىك تۇرمۇشتا رەسىم - قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، رەسىم - قائىدىنى، ئۆرپ - ئادەتنى قوغلىشىش.
توينىڭ چوڭ چېيى، كىچىڭ چېيى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر رەسمىيەتچىلىكتۇر.