Uyghur主要词典
رەڭنىڭ ئوچۇقلۇقى
پسىخولوگىيە
بۇ مۇئەييەن رەڭنى قارا رەڭدىن پەرق قىلىش دەرىجىسىدىن ئىبارەت. ئوچۇقلۇق قايتۇرۇش كوئېففىتسنتلىرىغا، يەنى نەرسىنىڭ يۈزىگە چۇشىدىغان نۇرنىڭ نەچچە پىرسەنتى مۇشۇ يۈزدىن قايتىشىغا باغلىق. ئاق رەڭ ئەڭ ئوچۇق رەڭ ھېسابلىنىدۇ. چۇنكى ئاق رەڭ يۈز ئۆزىگە چۇشىدىغان نۇرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قايتۇرىدۇ. قارا رەڭنىڭ ئوچۇقلۇقى بەك ئاز بولىدۇ. چۇنكى قارا يۈز ئۆزىگە چۇشىدىغان نۇرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قايتۇرمايدۇ، ئەپلىك شارائىتلاردا ئادەمنىڭ كۆزى رەڭلەرنىڭ ئوچۇقلۇقىغا قاراپ قارا بىلەن ئاق رەڭ ئوتتۇرىسىدىكى 200 گە يېقىن تۇسنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
سېزىلىدىغان رەڭلەرنىڭ روشەنلىكىنى ئوچۇقلۇقتىن (يەنى رەڭنىڭ ئوچۇقلىقىدىن) پەرقلەندۈرۈش كېرەك. رەڭنىڭ روشەنلىكى كۆزگە كۆرۈنۇپ تۇرغان رەڭلىك نەرسىنىڭ ياخشى ياكى يامان يورۇتۇلۇپ تۇرۇشىغا باغلىق بولغان ئوچۇقلۇقتۇر. مەلۇم دەرىجىدە قويۇن بولغان بىر رەڭنىڭ كۆز پەرق ئېتەلەيدىغان روشەنلىك دەرىجىسى 600 گە يېتىدۇ.