Uyghur主要词典
رەڭلىك كىيىم
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ھازىرقى زامان ئۇرۇش فىلىملىرىدا يوشۇرۇنۇپ بۇيرۇق كۈتۈۋاتـقـان قىسىمدىكىلەرنىڭ ئالا - بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرىمـىـز، مـانـا بۇ «رەڭلىك كىيىم» دۇر. بۇ خىل كىيىم مۇھىتـى ئۆزگـىـرىـشـچـان ئورمـانلاردا «ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى»، «لازېرلىق رازۋېدكـا ئەسۋابى»نىڭ كۆزىنى غۇۋالاشتۇرۇپ، ئۇلارنى «كۆزى ئوچۇق قـارىـغـۇ»غـا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
ھەربىي فورما رېڭى رەڭلىك كـىـيـىـمـنـىـڭ رازۋېدكـىـغـا تـاقـابـىـل تۇرۇشىدىكى ئاچقۇچ. بۇ تۈرلۈك رەڭلەر ئىچىـگـە بـىـر خـىـل پـەۋقـۇلئاددە خىمىيىۋى ماددا ئارىلاشتـۇرۇلـغـان، بـۇ خـىـل بـويـاق ئىـشـلـىـتـىـلـگـەن كىيىملەرنىڭ ئىنفرا قىزىل نۇر دولقۇنىنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئەتراپتىـكـى تەبىئىي شەيئىلەرنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن ئاساسەن ئوخشـىـشـىـدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رەڭلىك كىيىمگە ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر ئىشلىتـىـلـگـەن بولغاچقا، ھەربىي فورمىنىڭ رېڭى ئەتراپتىكى تەبىئىـي مـۇھىـتـنـىـڭـكـىـگـە ئاساسەن يېقىنلىشىدۇ.2
- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، گېرمانىـيـە ئارمـىـيـىـسـى تۇنجى قېتىم رەڭلىك كىيىمنى ئىشلەتكەن، ئەيـنـى چـاغـدا «ئۈچ رەڭـلـىـك كىيىم» دەپ ئاتالغان. كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسىگىـمـۇ «تۆت رەڭلىك كىيىم» سەپلەپ بېرىلگەن. ھازىر دۇنيـادا «ئالـتـە رەڭـلـىـك كىيىم»ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا يەنە ئوخشاش بولمىغان قىسىم تۈرلىرىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان رەڭلىك كىيىم نىـقـابـلـىـنـىـش گۈللىرىنى بەلگىلەپ چىقتى ھەم يېڭى تىپتىكى رەڭلـىـك كـىـيـىـمـنـى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ جەڭ فورمىسى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.