Uyghur主要词典
رەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قورقۇش، چۆچۈش، ئۈركۈش، ئۈركۈپ قېچىش:
رەم ئۇرما زەلىلى مەئرىفەتدىن ھەرگىز،
دەرۋىش دۇئايى ساھىب خەير ئەيلەر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قورقماق، ئۈركۈمەك، چۆچۈمەك؛ قورقۇپ قاچماق؛ ئۈركۈپ تارقالماق: رەم بەرمەك - چۆچۈتمەك، ئۈركۈتۈپ قاچۇرماق؛ رەم ئەتمەك - قاچماق، چۆچۈمەك، ئۈركۈمەك؛ رەم قلىپ قاچماق - ئۈركۈپ قاچماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب ئېچىش، تاش - قۇمىلاق سېلىش يولى بىلەن كىشىنىڭ ھال - ئەھۋالى ، كەلگۈسىنى بىلىدىغان ساختا بېشارەت.
پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە. ئالدامچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى دۇرۇس. تۆلگە ئاچتۇردۇم، تۈگمەنگە بارىسەن، _ دېدى. قۇرئىدىن چىققار گەپكە ئىشەنمە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىرىنچى ئاي، يانۋار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خۇراپاتلىقتا بىراۋنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى، تەلىيى، تەقدىرى قاتارلىقلار ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان پائالىيەت؛ پال.
رەم ئاچماق. رەم سالماق. رەم باقماق.