Uyghur主要词典
رامىزان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى. زولۇق يېگەندىن تارتىپ تا ئىپتا قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھېچ نەرسە يېمەسلىك، ئىچمەسلىك، چەكمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئوتتۇز كۈن روزىنىڭ بىر كۈن ھېيتى بار. روزا تۇتتۇم جان ئۈچۈن، جاندا ئىمان بار ئۈچۈن، تۇتماي دېسەم قورقىمەن، گۆردە گۈرزى بار ئۈچۈن. رامىزاننى بىز تۇتساق، ھېيتنى باشقىلار ئوينىدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، <رامىزان ئېيى> مۇ دېيىلىدۇ. ھىجرىيە كالىندارىدىكى 9 - ئاينىڭ نامىدۇر. <قۇرئان كەرىم> دە مۇشۇ ئايدا روزا تۇتۇش بەلگىلەنگەنلىكتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئايدا ئاللادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولۇشقا باشلىغان، بەدرى غازىتىمۇ مۇشۇ ئايدا غەلىبە قىلغان. شۇڭا بۇ ئاي مۇقەددەس، كاتتا ۋە ساخاۋەتلىك ئاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيىنىڭ 623 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام روزىنى مۇشۇ ئايدا بىر ئاي تۇتۇشقا ئۆزگەرتتى. ھىجرىيە كالىندارى بويىچە رامىزان ئېيىدا يېڭى ئاي چىققان كۈنى روزا باشلىنىدۇ. كېيىنكى ئاينىڭ يېڭى ئاي چىققان كۈنى روزا ئاخىرلىشىدۇ. روزا بەزى يىللىرى 29 كۈنى، بەزى يىللىرى 30 كۈن بولىدۇ. ئىمام، قازى، ئاخۇنۇم قاتارلىق نوپۇزلۇق ئىككى مۇسۇلماننىڭ ئاينى كۆرۈشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛ زامانىمىزدىكى كالىنداردا روزا كۈنى ئېنىق يېزىلىدىغان بولدى. رامىزاننىڭ 14 - كۈنى بۈۋى فاتىھە ئايىمى، 27 - كۈنى تۈنەك بولىدۇ. روزا ئارىسىدا مۇسۇلمانلار سەدىقە بېرىدۇ، جامائەتنى ئىپتارغا چىللايدۇ. ئىپتار ۋاقتىدا مەسچىتتىكى نامازخانلارغا مېۋە - چېۋە، پوشكال قاتارلىق نەرسىلەرنى تارقىتىدۇ. رامىزان ئېيى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى مەسچىتكە فىتىر سەدىقىسى بېرىشمۇ روزىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان