Uyghur主要词典
رامايانا
دۇنيا ئەدەبىياتى
«رامايانا» ھىندىستاننىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئىككى چوڭ ئېپوسىنىڭ بىرى (يەنە بىرى «ماخابخاراتا»، بۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئېپوس). ئۇ بىرنەچچە ئەسىر خەلق ئارىسىدا ئاغزاكى تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەر ئاساسىدا راۋاجلىنىپ پۈتۈپ چىققان. ئۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3 −4 - ئەسىرلەردە شەكىللىنىپ بولغان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2 - ئەسىردە ۋالمىك رەتلەپ، پىششىقلاپ، كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىققان، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
«رامايانا»دا راما بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى شىدونىڭ ھىجران قايغۇسى ۋە ۋىسال شادلىقى ھېكايە قىلىنغان. راما كوسالا پادىشاھىنىڭ چوڭ ئوغلى، ئەلەم ۋە قەلەمدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئىلاھىي ئوقيانىمۇ تارتىپ سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ، ئۇ قوشنا ئەلنىڭ مەلىكىسى شىدوغا ئۆيلەنگەن. كوسالا پادىشاھى ياشىنىپ قالغانلىقتىن، رامانى ۋەلىئەھد قىلىپ تەيىنلەيدۇ، لېكىن، كوسالا پادىشاھىنىڭ كىچىك خانىشى ئىككى تۈرلۈك ئىنئامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھانە قىلىپ، رامانى14 يىل سۈرگۈن قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئوغلى بىخاراتانى پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە پادىشاھنى مەجبۇرلايدۇ. كوسالا پادىشاھى ئازابلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولىدۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. راما ئەر - خوتۇن ۋە ئۇكىسى راشىمانا ئورمانلىققا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بەختكە قارشى شىدونى دىۋە پادىشاھى10 باشلىق رابۇنا بۇلاپ كېتىدۇ، راما قېرىندىشى بىلەن بىللە ھەر تەرەپتىن خوتۇنىنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. كېيىن، راما بىر مايمۇن پادىشاھىنىڭ تەختنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. ئىلاھىي مايمۇن خانۇمان رازۋېدكا قىلىپ، شىدونىڭ دىۋە ئوردىسىغا سولاپ قويۇلغانلىقىنى بىلىپ كېلىدۇ، مايمۇنلار دەرھال كۆۋرۈك ياساپ، روسا دۆلىتىگە يۈرۈش قىلغان رامانىڭ قوشۇنىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. راما10 باشلىق رابۇنانى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئادەم ئەۋەتىپ، شىدونى ئالدۇرۇپ كېلىپ، دۆلىتىگە قايتىدۇ. راما تەختكە ئولتۇرۇپ پادىشاھ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەلدە تىنچلىق، گۈللىنىش بارلىققا كېلىدۇ. لېكىن، بىرقانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، راما شىدو دىۋە ئوردىسىدا چاغدا پاكلىقىنى يوقاتقان، دېگەن پىتنىگە ئىشىنىپ قېلىپ، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ.10 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، شىدو بۇ بەتنامدىن ئاقلىنالمايدۇ، ئاخىر ئۇ زېمىن ئانىدىن ياردەم سورايدۇ، زېمىن يېرىلىدۇ، ئۇ زېمىن قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار جەننەتتە پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدۇ.
«رامايانا»دا ئوردا ئىچىدىكى تەخت تالىشىش ھىيلىلىرى ۋە راماغا ئوخشاش قەھرىمانلارنىڭ زوراۋانلىققا قارشى كۈرەشلىرى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىلغار، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ئەينى چاغدىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىگە ماس كېلىدىغان بىر قاتار تەشەببۇسلار ئىپادىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازغۇچىنىڭ ساداقەت، ۋاپادارلىق، پەزىلەت، ھۆرمەت، ئىنساپتىن ئىبارەت ئېتىكا قارىشى ۋە تەبىقە تۈزۈمى ئىدىيىسى تەرغىب قىلىنغان. ئېپوستا ھەر تۈرلۈك تىپىك ئوبرازلار مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان، شىدو پەزىلەتلىك، پىداكار سادىق ئاياللارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئىزچىل ھىندىستان خەلقىنىڭ ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. ئىلاھىي مايمۇن خانۇمانغا كىشىلەر تېخىمۇ چوقۇنىدۇ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، ھىندىستاننىڭ يېزىلىرىدا ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
«رامايانا» «ئەڭ دەسلەپكى شېئىر» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستان ئەدەبىياتىنىڭ ژانىر تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش رولىنى ئويناپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئەدەبىياتقىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
راما ھەققىدىكى ھېكايە جۇڭگوغا ناھايىتى بۇرۇنلا يېتىپ كەلگەن.1980 - يىلىدىن كېيىن، «رامايانا»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى كەينى - كەينىدىن نەشر قىلىندى.
دۇنيا تارىخى
(<رامانىڭ ساياھىتى> دېگەن مەنىدە). قەدىمكى زاماندىكى زاماندىكى ھىندىستانىڭ مەشھۇر سانسكرىت يېزىقىدىكى داستانى. دەسلەپتە خەلق ئارىسىدا ئىجاد قىلىنغان. ئەنئەنە بويىچە ئەسەرنىڭ ئاپتورى ۋالمىكى بۇ داستاننى ئاخىرىدا پىشىقلاپ رەتلەپ چىققان بىر شائىر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. داستاندا قەھرىمان رامانىڭ ھاياتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، ئۇنىڭ خوتۇنى سىتانى لانكادىكى ئالۋاستىلار پادىشاھى راۋانا بۇلاپ كەتكەن. رامانىڭ ئايالىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن لانكا (ھازىرقى سىرىلانكا) غا قىلغان يۈرۈشى ھېكايىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە رامام ايمۇنلار پاىدشاھى مىيا ئوشاننى ياردىمىدە راۋانانى ئۆلتۈرۈپ، سىتانى قۇتقۇزۇۋېلىپ، غەلىبە بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ تەختتە ئولتۇرغان. داستان جەمئىي يەتتە قىسىم، كونا نۇسخىسى 24000 مىسرا (ھەر مىسراسى ئىككى بىرلەشمە جۈملە). تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ياكى Ⅲ ئەسىردە شەكىللەنگەن بولۇپ، مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ھازىرقى شەكلى بارلىققا كەلگەن. بۇ داستاننىڭ ھەجمى <ماخابخاراتا> داستانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا يەتمىسىمۇ، لېكىن تۈزۈلۈشى ئىنتايىن رەتلىك. داستاندا ئومۇمەن ئارىيانلارنىڭ جەنۇبىي ھىندىستاندا كېڭەيمىچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، دەپ ھېسابلىنىدۇ. ھېكايىنىڭ مەزمۇنى مول، ۋەقەلىكى جانلىق ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، 2000 نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ھىندىستان خەلقى زوق بىلەن ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈرۈپ تارتقان؛ بۇ داستان بىلەن <ماخابخاراتا> داستانى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.