Uyghur主要词典
رام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كېشەك. رۇسچىسى « راما » يەنە « رامكا » مۇ دېيىلىدۇ.
دېرىزە رامى.* رەسىم رامكىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
( « قىلماق، بولماق » لار بىلەن پېئللىشىدۇ ) جەلپ قىلماق، مەپتۇن قىلماق، مەھلىيا قىلماق.
ئۇ ھەر خىل يوللار بىلەن بىچارە قىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋاپتۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرمانبەردار، بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش:
كۆڭۈل ئىشقىڭ بىلەبولدى بەسى رام،
نى يەرگە يەتكۈسى ئاخىر سەرەنجام.
سەيىد ئەھمەد.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بويسۇنغان، ئىتائەتمەن؛ يۇۋاش، مۇلايىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوتتۇرىسىغا ئەينەك قاتارلىقلار سېلىنىدىغان ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇش، مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدىغان قۇرۇلما.
دېرىزە رامى. گىرىم ئەينىكىنىڭ رامى.
ئاپتوموبىل، ۋېلسىپىت قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
جەلپ قىلغان، قارىتىلغان، مايىل.
بايۋەچچە ئاخىرى بۇ خوتۇننى ئۆزىگە رام قىلىۋالغاندىن كېيىن، خوتۇننى نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىدىغان يەرگە يەتكۈزۈپتۇ.
سىڭگەن، ئۆزلەشكەن.
بۇ سۆز ئۇنىڭ قۇلىقىغا رام ئىدى.