Uyghur主要词典
راناۋالونا
دۇنيا تارىخى
(1800 - 1861)، ماداغاسقار پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى (1828 - 1861). راداما Ⅰ نىڭ خانىكىسى. تەختتە تۇرغان چېغىدا راداما Ⅰ نىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان، ھەر قايسى ئەللەر بىلەن تىنچ سودا ئالاقىسى قىلىشنى قۇۋۋەتلىگەن، چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق شەرتنامىلەرنى بىكار قىلغان، چەت ئەل سودىگەرلىرى ۋە دىن تارقاتقۇچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 1835-يىلى خرىستىئان دىنىنى مەنئى قىلىپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى باستۇرغان. 1837-ۋە 1845-يىللىرى فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى تارمار قىلپ، دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغدىغان.