Uyghur主要词典
قىسقا چاچلىقلار
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى پارلامېنتنى ھىمايە قىلغۇچى، پادىشاھ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچى پورىتانلار گورۇھى. ئەڭ دەسلەپ 1641 - يىلى پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر يالغان چاچ تاقىماي قىسقا چاچ قويغۇچىلار بولغانلىقتىن شۇنداق نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاقسۆڭەك بولمىغان ئوتتۇرا، كىچىك بۇرژۇئازلار ۋە دېھقان قول سانائەتچىلەر قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئۆكتىچىلىرى <ئىچوتسىچىلار> دىن ئىبارەت.