Uyghur主要词典
قىسقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى ئۇچنىڭ ئارىلىقى كىچىكلىك، «ئۇزۇن» نىڭ ئانتونىمى.
ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنى ياخشى، سۆزنىڭ قىسقىسى. يازدا ئالتە چاپان، قىشتا كالتە چاپان. پىتنىڭ ئۆمرى كۇتا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زامان ۋە ماكاننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئارىلىقى كىچىك.
ئۇزۇن، ئۇزاق
زامان ۋە ماكاننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئارىلىقى چوڭ. <ئۇزاق> كۆپرەك زامانغا قارىتىلىدۇ.
تۆمۈرنى قىسقا كەس، ياغاچنى ئۇزۇن. ئۇزۇن سۆز شالاڭ مايسا. يولسىزنىڭ تىلى قىسقا. باتۇرنىڭ ئۆمرى قىسقا، داڭقى ئۇزۇن. گەپنىڭ قىسقىسى ياخشى، كۆسەينىڭ ئۇزۇنى. يازدا ئالتە چاپان ئاپتۇ، قىشتا كالتە چاپان. ئۇيقۇسى ئۇزاقنىڭ ئۆمرى كوتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۇزۇننىڭ ئەكسى، كالتە.
قىسقا چاپان. بويى قىسقا. قىسقا مۇساپە.
ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس (ماقال).
ئۇزاق داۋام قىلمايدىغان، كۆپ ۋاقىت - مۇساپە.
قىسقا كۈنلەر ئىچىدە ئۆتكەن ئىنتايىن شېرىن مىنۇتلارنى يادىغا ئالدى.
مەزمۇنى، دائىرىسى ئانچە كەڭ ئەمەس، ئىخچام، ئاددىي.
قىسقا خەۋەرلەر.
مەن كەچتە خەتنى ئوقۇپ چىقتىم. خەت قىسقا، لېكىن كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن يېزىلغانىدى.
كۆچمە. يېتەرلىك، تولۇق ئەمەس، كوتا.
ھەي، <چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا> دېگەن تەمسىل دەل سەندەك خوتۇنلارغا قارىتىلغان ئىكەنغۇ!