Uyghur主要词典
قىسقا كۈننىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى
بىئولوگىيە
قىسقا كۈنلۈك يورۇتۇش (ھەر كۈنى 10 سائەت) شارائىتىدە تەبىئىي يورۇتۇش شارائىتىدىن بالدۇر باش تارتىپ چېچەكلەش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە كۈنلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئۈنۈمى چوڭ بولغاندا، يورۇقلۇق سېزىشچانلىقىمۇ زور بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا ئاجىز بولىدۇ. شال قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ يورۇقلۇق سېزىشچانلىقىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى، قىسقا كۈننىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.