Uyghur主要词典
قىساس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىنتىقام، ئۆچ، قىساس:
دېدى: قىساس ئەيلەسەڭ ئالىڭدا ياش،
سىيمنى ئال، گەر غەرەزىڭدۇر مەئاش.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىشى ئۆلتۈرگۈچىگە شەرىئەت ھۆكمى بويىچە بېرىلگەن جازا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
<قاتىم> ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
زىددىيەتتىن تۇغۇلغان قاتتىق ئاغرىنىش.
ئۆچ ساقلىغان گۆرىدە ئۆرە تۇرار. قىلىچ يارىسى پۈتمەس، دۈشمەن قىساسى ئۆچمەس. ئاتىسىدىن ئالالمىغان ئەنتىنى بالىسىدىن ئاپتۇ. ئىنتىقام بىكار كەتمەيدۇ، ئاخىر يانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يامانلىققا قارىتا ئۆز ئەينى ئېلىنىدىغان ھېساب، ئىنتىقام، ئەنت، ئۆچ.
قىساس ئالماق.
نۇرغا تەشنا خەلقىمىز سېغىناتتى تاڭلارنى، قىساس ئوتى يۈرەكتە، ئۇرغۇتاتتى قانلارنى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، قاھار جېلىلنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 40 - يىللاردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرى، جۈملىدىن خوتەن يېزىلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى، ھوقۇقسىزلىقى، فېئودال پومېشچىكلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قەھرىمانانە كۈرەشلىرى يېزىلغان. روماندا باتۇر، ئاق كۆڭۈل، ساددا دېھقان يىگىتى ئەزىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ باينىڭ قىزى ئادالەت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، شۇ سەۋەبلىك باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان. رومان باش قەھرىمان ئەزىزنىڭ تاشقورغان ئىنقىلابچىلىرىنى ئىزدەپ ماڭغانلىقى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. روماننىڭ ۋەقەلىكى جانلىق، قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، تەپسىلاتلىرى ئىنچىكە، روماندا خوتەننىڭ يەرلىك شىۋىسى، خەلق ماقال - تەمسىللىرى بىلەن قوللىنىلغان.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، نۇر روزىنىڭ ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلىنغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <قوشماق ئاداش>، <مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى>، <كۆزمۇنچاق>، <قىساس>، <قارا دولان>، <كوماندا باشلىقىنىڭ ماھارىتى> قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن <ھالاكەت> ناملىق پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن.