Uyghur主要词典
قوۋزاق تۆشۈكى
بىئولوگىيە
ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول، يىلتىز ۋە بەزى مېۋىلىرىنىڭ پۇرۇپكىسى ئۈستىدىكى يېرىقسىمان شالاڭ رايون بولۇپ، تەن سىرتى بىلەن تەن ئىچىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ئىشىكى. پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت قوۋزاق تۆشۈكى رايونىدا ھاسىل قىلغان ھۈجەيرىلەر نورمال پۇرۇپكىلاشماي بىر توپ شارسىمان ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلار شالاڭ تىزىلىدۇ، ئۇلاردا بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان ھۈجەيرە ئارىلىقى بوشلۇقى بولىدۇ، ئۇلار تولۇقلىغۇچى ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ. تولۇقلىغۇچى ھۈجەيرىلەر ئېپىدېرما بىلەن پۇرۇپكىنى كالپۇكسىمان يېرىپ بۆرۈتمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ دۈگىلەك، ئېللىپىسسىمان، ھەتتا سىزىقسىمان كۆرۈنىدۇ. قوۋزاق تۆشۈكىنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن پۇرۇپكىنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەت ھەل قىلىنىپ ئىچكى قىسىمدىكى ھايات ھۈجەيرىلەر ئۇ ئارقىلىق ئېھتىياجلىق بولغان ھاۋانى ئالماشتۇرالايدۇ.