Uyghur主要词典
قونماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدە كەچكىچە بولماق، قونۇپ قالماق.
كەچلىگەن مېھماننى كەت دېمە. ئارسلاننىڭ ئۆيىدە تۈنىگەن ئۆچكىدىن قورق. مېھمان قونسا، ئۆينىڭ تارلىقى بىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇچۇشتىن توختاپ يەرگە ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئورۇنلاشماق، ئولتۇرماق.
بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس (ماقال).
تۈننى ئۆتكۈزمەك، تۈنىمەك، يېتىپ كېچىچە ئارام ئالماق.
ئاخىرى ئۇ مېھمان بۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ قالدى.
كۆچمە. پەيدا بولماق، يۇقماق، چۈشمەك.
ئەسلىسەڭ ئېسىڭگە قونار (ماقال).
كۆچمە. قوشۇلماق، كۆپەيمەك.
ئەت قونماق. پايدا قونماق.
مىنمەك، ئۈستىگە جايلاشماق، ئورۇنلاشماق؛ توغرىلانماق.
ۋىلسىپىتكە قونماق.