Uyghur主要词典
قوۋم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەلق، مىللەت، قەبىلە، ئۇرۇغ؛ تۇققان؛ توپ، گۇرۇھ؛ مەزھەپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئەجدادتىن تارقالغان، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى.
ياخشى قوۋم يامان ناخشا ئېيتماس. ئۆز ئېلىڭنىڭ بېشى بولساڭمۇ سايىدىكى تېشى بول. ئەلگە كىرگىن ئېلىڭچە، سۇغا كىرگىن بېلىڭچە. ئۆز ئۇرۇقىغا تارتمىغان ئۆزىنى ئورۇنسىز ياشىدىم دېسۇن.
دۇنيا تارىخى
بىر ئاتا جەمەت ئەجدادلىرىنىڭ بىرقانچە قان قېرىنداش تارماقلىرىدىن ئۇيۇشقان ئۇرۇق - تۇغقانلار گۇرۇھى. قەدىمكىلەر <ئاتىسى بولغان بىر گۇرۇھنى قوۋم> دېگەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى مەزگىلى (ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) دە پەيدا بولغان.دەسلەپ بىر ئاتا - بوۋىلارنىڭ بىرقانچە بىۋاستە ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەردە تەشكىللەنگەن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە ئۇرۇق - تۇغقانلار ئىچىگە كېڭەيگەن. قوۋمنىڭ ئورتاق فامىلىسى، ئىسمى (ئادەتتە ئۆز ئەجدادلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان) ھەمدە ئورتاق نەزىر - چىراغ مۇراسىمى، قائىدە - يوسۇنى ۋە يەرلىكى قاتارلىقلار بار. بىرەر قوۋم تۇرغان جاي كۆپىنچە كەنت بولغاچقا مۇئەييەن ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىگە بولغان. دەسلەپكى چاغلاردا يەرگە كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىپ تېرىقچىلىق قىلغان، كېيىن تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلەر ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەنئەنىلەر قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە <پاترىئارخاللىق تۈزۈم> ۋە سىستېمىلىق بولغان (ئۇرۇقداشلىق ھاكىمىيىتى)گە ئۆزگىرىپ، قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەت ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر ئۇرۇقتىن چىققان، ئۆزئارا قېرىنداشلىق، ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى؛ ئۇرۇق، ئايماق، قەبىلە.
بۇ ئەجەل جىلغىسىدا ئۇلار پۈتۈن قوۋمى بىلەن مۇزلاپ ئۆلىدۇ.
<دىن>
دائىم دېگۈدەك بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر توپى، نامازنى بىر مەسچىتتە ئوقۇيدىغان جامائەت.
مەسچىت قوۋمى.