Uyghur主要词典
قاتران يايلىقىدىكى جەڭ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قاراقىتان قوشۇنى بىلەن سالجۇق سۇلتانى سانجارنىڭ ئىسلام بىرلەشمە قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ شاھى مۇھەممەدخان قارلۇقلىقلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، تاغىسى سالجۇق سۇلتانى سانجاردىن قوشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. سانجار خۇراسان، مازاندەران، شىرىستان، غەزنەۋىييۇن ۋە باشقا مۇسۇلمان رايونلىرىدىن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلاپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، 1141 - يىلى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتتى. قارلۇقلارمۇ قاراقىتاندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، تۈركلەرنى، قىتانلارنى ۋە باشقا رايون ئادەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇن توپلىدى. ئىككى تەرەپ، 1141 - يىلى 9 - ئايدا سەمەرقەنت يېنىدىكى قاتران يايلىقىدا ئۇرۇشتى. سانجارنىڭ قوشۇنى قاراقىتان قوشۇنى تەرىپىدىن دالجام دەرياسىغا چېكىندۈرۈلدى. 10 مىڭ ئادىمىنى سۇ ئېقىتىپ كەتتى. پۈتكۈل جەڭدە 30 مىڭ مۇسۇلمان قازا قىلدى. سانجار بىلەن مۇھەممەدخان ماۋەرائۇننەھرنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ قاتران يايلىقىدىكى مەغلۇبىيىتى ئارقىسىدا، قاراقىتان ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتتىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىغا كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيىسىنى قوللاندى.