Uyghur主要词典
قاتتىق-يىرىك
قاتتىق-يىرىك [يەشمىسى:] ① قاتتىق ھەم يىرىك، يۇمشاق ئەمەس:[مىسال:] ياخشى ئۇخلالمىدىڭىز، ئورنىڭىز قاتتىق-يىرىك بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن. [يەشمىسى:] ② قوپال ۋە يېقىمسىز:[مىسال:] نىزامغا باشلىقنىڭ قاتتىق-يىرىك گەپلىرى ھەممىدىن بەك ئېغىر كەلگەنىدى. [يەشمىسى:] ③ ئېغىر ۋە جاپالىق:[مىسال:] قاتتىق-يىرىك ئىشلاردا پىشىپ ئۇستىخىنى قاتقان قادىر ئۆزىدە تاغنى تالقان قىلىدىغان كۈچ-مادارنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغانلىقىنى سېزەتتى.