Uyghur主要词典
قاتغال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇڭ، قىل، تاناب قاتارلىقلاردىن ئېشىپ تەييارلانغان، نەرسىلەرنى باغلايدىغان بۇيۇم.
ئادەتتە «ئارغامچا» ، «ئارقان» يۇڭدىن، «تانا» تانابتىن، «شوينا» ، «كۇلا» پاخالدىن ئېشىلىدۇ.
ئارغامچاڭنىڭ پۇلى تۇرۇپ تۇرسۇن، كۇلامنىڭ پۇلىنى بەر. دادىسى ئېسىلىپ ئۆلگەن بالا ئارقاننى تىلغا ئالمايدۇ. تانا تارتقانغا ئۇزۈلمەيدۇ. ئىت باغلىغان شوينىدا پىل باغلىغىلى بولماس. باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، كەمبەغەلنىڭ كۇلاسى بار.