Uyghur主要词典
قارتا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاتنىڭ ياغلىق ئۈچىيى، قېزى - قارتا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئويۇن ۋاراقچىسى. 52 دانە بولىدۇ، قاغا، تاپان، غىش، چىللىك دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ، ھەربىر خىلىدا A (كارول) ، Q (ماتكا) ، J (سولدات) ۋە ئىككىلىكتىن ئۇنلۇققىچە بەلگىلەر بولىدۇ. ئويۇن تۈرى ناھايىتى كۆپ.
قارتا ئوينىماق، قارتا شىيىلىماق، قارتا ئاچماق. * قارتىچى. * قارتا بىلەن ھاراق ياخشى يولغا باشلىماس (ماقال) .
شىۋىلەر
ئاتنىڭ توغرا ئۈچىيى ( كۆتەن بېشى ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
قاتتىق قەغەز، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسالغان، سۈرىتى ۋە رەڭلىرى بىلەن بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان مەخسۇس ئويۇن ۋاراقچىلىرى، تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھەر خىل چېكىتلەر، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھەر خىل رەسىملىك بەلگىلەر بولىدۇ.
شۇ خىل ۋاراقچىلار ئارقىلىق ئوينىلىدىغان ئويۇن.
ئۇلار قارتىنى كۆڭۈل قويۇپ جىددىي ئوينايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئاتنىڭ توغرا ئۈچىيى، كۆتەنباش.