Uyghur主要词典
قارت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قېرى؛ يارا؛ قىرت (مىجەز - خۇلقى ئەسكى ئادەم).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، قېرىغان، چوڭ ياشلىق كىشى.
قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قېرىنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق. قېرى كىشى بولسا نادان ۋە جاھىل، ئەقىللىق گۆدەكنى ئۇندىن ئەۋزەل بىل. بوۋاينىڭ بىلىدىغىنى كۆپ. چال چامىدىن كەتكەنىكەن، ئاياش كېرەك. ئابۇشقا كلاسسىك ئەدەبىياتتا بىر مۇھىم پېرسوناژ سۈپىتىدە چىقىپ تۇرىدۇ. ب د ت 1 - ئۆكتەبىرنى دۇنيا ياشانغانلار بايرىمى قىلىپ بەلگىلىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغدىن، قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن، ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدىغان شىكەستە.
<يېغىر> ئات - ئۇلاققا قارىتا ئېيتىلغان.
قول يارىسى كېتەر، دىل يارىسى كەتمەس. ئۇنىڭ يارىسىغا تەگمە. يارىسىغا تۇز سەپمە. جاراھەتنىڭ ئاغرىقى جاننى ئاېلىپ، جاڭگالدا قويىدۇ. چاقاڭ ساقايغۇچە چالۋاقىما. قېتىقنىڭ ئىچى زىدە، گالۋاڭنىڭ بېشى زىدە. كۈچلۈكلەردىن زەخمەت يېمەي دېسەڭ، كۈچسىزلەرگە پايدا يەتكۈز. توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئېگەر غاجىلاپ يېغىر بوپ قاپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يارا.
شۇنىڭدىن ئېلىنىپ مىجەز - خۇلقى ئەسكى ئادەم « قارت» دېيىلىدۇ.
1 - 446
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياشانغان، قېرى ئادەم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىردىنلا قورقۇش، چۆچۈش ياكى ئەندىكىش روھىي ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ.
بر كۈنى قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ ئاران ئۆيگە باردىم - دە، ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن قولۇمنى ئاپىرىپ ئىتتىك تارتىۋالدىم. يۈرىكىم <قارت> قىلىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇرغۇينىڭ قۇيرۇقى ئەتراپىدىكى قارا سىزىقچە.
- قۇرغۇي، - دېدى جالالىدىن يەھيارى، - تۆت قارت بولغاندا ئاندىن ئاڭنى ئالالايدۇ.