قارتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىردىنلا قاتتىق قورقۇش، چۆچۈش ياكى ئەندىكىش روھىي ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كۈنى قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ ئاران ئۆيگە باردىم-دە، ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن قولۇمنى ئاپىرىپ ئىتتىك تارتىۋالدىم. يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى.