Uyghur主要词典
قاراقىتاننىڭ ئىسلام دىنى سىياسىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قاراقىتان سۇلالىسى (1124 - 1218) نىڭ ئىسلام دىنىغا قوللانغان سىياسىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1124 - يىلى قىتان ئاقسۆڭەكلىرىدىن يوللىغ تاشىن قاراقىتاننى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى كەمسىتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، مەسچىت ۋە مازارلارنى چېقىۋەتتى، مۇسۇلمانلارنى دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىدى. 1141 - يىلى قاتران يايلىقىدىكى جەڭدە قاراقىتان قوشۇنى غەلبە قىلدى. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى غايەت زور تەسىرنى كۆرۈپ چىقىپ، بىر تەرەپلىمە سىياسەتتىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنىغا كەڭ قورساق بولۇش پوزىتسىيىسىنى قوللاندى. يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلارنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قلدى. مەسىلەن، ئۆشرە - زاكات ئېلىشىغا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر بىر قىسىم ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يول قويدى. شۇنداق قىلىپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. قاراقىتان سۇلالىسى تەڭرتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايونلىرىغا تارقىلىشنى چەكلەيدىغان سىياسىي كۈچلەرنى يوقاتتى. ھەممىدىن ئاۋۋال توقسۇنىڭ شىمالىدىكى بۇددا دىنىنىڭ قورغىنى بۇزۇۋېتىلىپ، ئىسلام دىنى باي، كۇچا رايونلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇلدى. كېيىن تارىم ۋادىسىنى بويلاپ شىمالغا ئومۇملاشتۇرۇلدى. 13 - ئەسىردە كورلا، قارا شەھەر قاتارلىق جايلارغا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ھەتتا ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى - تۇرپان ئويمانلىقىغا چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. قەشقەر، يەكەن قاتارلىق جايلاردا خەلىپىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان مەدرىسلەر ئېچىلدى. بەزى سودا مەركەزلىرىدە تېخىمۇ كۆپ دىنىي مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلدى. تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلاردا نۇرغۇن مازارلار قايتىدىن ياكى كېڭەيتىپ سېلىندى. كۈچلۈكخان 1211 - يىلى خانلىق تەختنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى يەنىلا قاراقىتان دەپ ئاتاپ، ئىسلام دىنىنى بېسىش سىياسىتىنى قوللاندى. مەسىلەن، خوتەندە مۇسۇلمانلارنى بۇددا دىنىغا ياكى نېستورى دېنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. چىنگىزخان 1218 - يىلى جەبە نۇياننى قوشۇن باشلاپ بېرىپ كۈچلۈكخاننى جازالاشقا ماڭغۇزدى. كۈچلۈكخان قەشقەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا قېچىپ كەتتى. جەبە نويان ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. كۈچلۈكخان ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا ئىسلام دىنى زەربىگە ئۇچراپ تەرەققىي قىلالمىدى.