Uyghur主要词典
قارا قويۇنلۇ سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1375 - 1468) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەر قۇرغان ھاكىمىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تۈرىكلەرنىڭ قارا قويۇنلۇ قەبىلىسى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان. كېيىن موڭغۇللارنىڭ كېلىشى بىلەن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ئەزەربەيجاننى ۋە ئاناتولىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى كونترول قىلغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى تۆمۈرلەڭ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، مىسىردىكى مەملۇك سۇلالىسىغا قېچىپ كەتتى، تەبرىزدىكى زېمىنىنى ساقلاپ قالدى. 1406 - يىلى قارا يوسۇف (1406 - يىلىدىن 1420 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ھاكىمىيەتنى قايتا قۇردى ھەمدە كافكاز ئەتراپىدىكى تۈرىكلەرنىڭ ئاق قويۇنلۇ قەبىلىرىگە ۋە پرسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىگىلىۋالغان تۆمۈرلەڭگە ھۇجۇم قىلدى. جاھان شاھ (1438 - يىلىدىن 1467 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە كەلگەندە زېمىنى كېڭىيىپ مىسۇپوتامىيە، پرسىيە، كەلمان ۋە ئومانغا يەتتى. شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلدى. كېيىن ئاق قويۇنلۇ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.