Uyghur主要词典
قارا كۆڭۈل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامانلىقنى ئويلايدىغان، رەھىم - شەپقەتنى بىلمەيدىغان.
قارا نىيەت يورۇقتىن قورقىدۇ. نىيىتى قارىنىڭ يېنىغا يېقىن يولىما. يامان نىيەت ياخشىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. نىيىتى ياماننىڭ نەسىلى قۇرۇسۇن. قارا كۆڭۈل قارغىشتىن ئۆلىدۇ. ئىنساپسىزنىڭ كۆڭلى قارا، كۆڭلى قارىنىڭ ئىنساپى يوق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
نىيىتى يامان، كۆڭلى قارا، ۋاپاسىز، تاش يۈرەك: بىچارە پاتىمە قارا كۆڭۈل ئېرى ۋە ئەشەددىي رومىگەر قېينانىسىدىن كۆرگەن كۈلپەت، ئىزا - ئاھانەتلىرىنى ئويلاپ، بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.