Uyghur主要词典
قاراڭغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يورۇقلۇق ھالەت، تۈن - كېچىدىكى ھالەت.
«زۇلمەت» جەمئىيەتنىڭ قالاقلىقى، ھۆكۈمرانلىقنىڭ چىرىك، ئەكسىيەتچىل ئىكەنلىكىگە قارىتىلىدۇ.
قاراڭغۇنىڭ كۆزى يوق. زۇلمەت قانچە ئېغىر بولسا، باتۇرنىڭ نامى شۇنچە نۇر چاچىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نۇرسىز، نۇرى بولمىغان ھالەت.
يورۇق
نۇر بىلەن تولغان، نۇر چىقارغان ھالەت.
كۈن يۇلتۇزدىن يورۇق سورىماس. چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ. قاراڭغۇنىڭ كۆزى يوق. سوغۇرغا يورۇقنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ قاراڭغۇدا يېنىڭدىكىگە كۆزۈڭنى قىسما. بۆرە قاراڭغۇنى تىلەر. ئۇزۇن يولنىڭ ئاخىرى بار، زۇلمەت تۈننىڭمۇ ئاخىرى بار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاراڭغۇ.
3 - 529
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«قارانقۇ» غا قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاراڭغۇلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. نۇردىن، يورۇقتىن خالىي، يورۇق ئەمەس؛ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان.
قاراڭغۇ ئۆي. قاراڭغۇ كېچە. قاراڭغۇ جاڭگال.
قاراڭغۇ يولنى قاراقچى بىلەر (ماقال).
ئى. يورۇق ئەمەس، نۇرسىز ھالەت.
ئاي قاراڭغۇسى. تۈن قاراڭغۇسى.
ھېيتتا خوتۇن ئالما. قاراڭغۇدا ئوتۇن ئالما(ماقال).
سۈپ. كۆچمە. زۇلمەتلىك، مۇدھىش، دەھشەتلىك.
- مەن بۇ قاراڭغۇ دوزاختىن قۇتۇلۇپ كەتسەملا بولغىنى! - دېدى ئۇ.
سۈپ. رۇخسەت قىلىنمىغان، ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن، مەخپىي.
قاراڭغۇ بازار.
سۈپ. كۆچمە. ئېنىق ئەمەس، نائېنىق، تۇتۇق، نامەلۇم.
كېلەچەكتە نېمە ئىشلار بولىدۇ، بۇ ماڭا قاراڭغۇ، مەن كۆز ئالدىمدا ئىككىلا يولنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.