Uyghur主要词典
قارا گېئورگېۋىچ خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
سېربىيە ۋە يوگوسلاۋىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. قارا گىئورگې قۇرغان. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئالېكساندر 1842 - يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىنىڭ كىنەزى مىخائىلنى ئاغدۇرۇپ كىنەز بولۇپ سايلانغان. 1858 - يىلى كىنەزلىكتىن ئېلى تاشلانغان. ئۇنىڭ ئوغلى پېتىر (1903 - يىلى كورۇل ئالېكساندر Ⅰ ئوبرېنوۋىچ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سېربىيە پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلغان.) 1918 - يىلى سېربىيە - كرودىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندر (1888 - 1934) 1914 - يىلى باش نائىب قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1921 - يىلى پېتېرنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1729 - يىلى يوگوسلاۋىيىدە فاشىستىك ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. ئالېكساندر 1934 - يىلى فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا سۈيقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياش پېتىر 2 (1923 - 1970) پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1941 - يىلى گېرمانىيە - ئىتالىيە فاشىستىلرى يوگوسلاۋىيەنى بېسىۋالغاندا، خان جەمەتى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1945 - يىلى 11 - ئايدا يۇگوسلاۋىيە فاشىزمغا قارشى خەلق ئازادلىق فرونتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلانغان. شۇنىڭ بىلەن خاندانلىق ئاخىرلاشقان.