Uyghur←Chinese主要词典
قارا گېئورگېۋىچ خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
卡拉一乔治维奇王朝
kǎ lā yī qiáo zhì wéi qí wáng cháo
سېربىيە ۋە يوگوسلاۋىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خاندانلىق. قارا گىئورگې قۇرغان. ئۇنىڭ ئەۋلادى ئالېكساندر 1842 - يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئوبرېنوۋىچ خاندانلىقىنىڭ كىنەزى مىخائىلنى ئاغدۇرۇپ كىنەز بولۇپ سايلانغان. 1858 - يىلى كىنەزلىكتىن ئېلى تاشلانغان. ئۇنىڭ ئوغلى پېتىر (1903 - يىلى كورۇل ئالېكساندر Ⅰ ئوبرېنوۋىچ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن سېربىيە پادىشاھلىق تەختىنى قوبۇل قىلغان. 1918 - يىلى سېربىيە - كرودىيە - سىلوۋېنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندر )1888 - 1934(. 1914 - يىلى باش نائىب قىلىپ بەلگىلەنگەن. 1921 - يىلى پېتېرنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1729 - يىلى يوگوسلاۋىيىدە فاشىستىك ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەن. ئالېكساندر 1934 - يىلى فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا سۈيقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياش پېتىر Ⅱ )1923 - 1970( پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1941 - يىلى گېرمانىيە - ئىتالىيە فاشىستىلرى يوگوسلاۋىيەنى بېسىۋالغاندا، خان جەمەتى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1945 - يىلى 11 - ئايدا يۇگوسلاۋىيە فاشىزمغا قارشى خەلق ئازادلىق فرونتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى جاكارلانغان. شۇنىڭ بىلەن خاندانلىق ئاخىرلاشقان.