Uyghur←Chinese主要词典
قارا گېئورگى
دۇنيا تارىخى
卡拉一乔治
kǎ lā yī qiáo zhì
(1760 - 1817) سېربىيە خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى (1804 - 1813 - يىللىرى ئېلىپ بارغان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ باشلىقى ئەسلى ئىسمى گىئورگې پېتروۋىچ. سېربىيە پىدائىي قىسىملىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 1781 - 1788 - يىللىرىدىكى ئاۋستىريىنىڭ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1804 - يىلى تۈركىيە گۋاردىيىسىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىغان ھەمدە قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئالىي ئاتامان قىلىپ سايلانغان. 1805 - يىلى 4 - ئايدا مىللىي پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، كونىستانتىنوپول تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يەرلىك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ سۇلتان تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1808 - يىلدىكى ھۆكۈمەت يىغىنىدا ۋە 1811 - يىلدىكى قوزغىلاڭچىلار يىغىنىدا ئۇ سېربىيەنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك ئەڭ ئالىي يولباشچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. تاشقى سىياسەت جەھەتتە روسىيەنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكى جېدىلى سەۋەبىدىن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. 1813 - يىلى 10 - ئايدا ئاز ساندىكى قىسىلىرىنى باشلاپ دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ ۋېنگرىيىگە كىرگەن. ئۇ يەردە ئاۋسترىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. 1814 - يىلى روسىيىگە بارغان. 1817 - يىلى 6 - ئايدا سېربىيىگە يوشۇرۇنچە قايتىپ كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.