Uyghur主要词典
قانداشلار نىكاھلانغان جەمەت
دۇنيا تارىخى
قانداشلار نىكاھلىقىدىكى جەمەت دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى خىلدىكى نىكاھ ياكى جەمەت شەكلى، شۇنداقلا تۇنجى ئىجتىمائىي تەشكىل شەكلى (يەنى ئالدىنقى ئۇرۇقداشلىق جامائەسى). تەخمىنەن جاھالەت دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى (كونا تاش قوراللار دەۋرى)غا توغرا كېلىدۇ. بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ياكى بىر نەۋرە ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ نىكاھلىنىشىغا چەك قويماسلىق؛ قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىۋاستە تۇغقان ۋە شىرەم تۇغقان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇش - بۇنىڭ ئالاھىدىكىلىكى ئىدى. بۇنداق ئائىلە شەكلى شارائىتىدا، نىكاھ گۇرۇھلىرى <بوغۇنلار> بويىچە ئايرىلىدۇ دەپ قارالماقتا، قۇرداش بوغۇنلار نىكاھلىنىدۇ، يات بوغۇنلارنىڭ نىكاھلىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇ <تەڭ بوغۇنلارنىڭ نىكاھلىنىشى> ياكى <قۇرداش بوغۇنلارنىڭ نىكاھلىنىشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆزى ۋە ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى ئاساس قىلىنىپ، يۇقىرىدا بوۋا - موما، دادا - ئانا؛ تۆۋەندە ئوغۇل - قىز ۋە نەۋرە - چەۋرە بولۇپ، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر نەچچە نىكاھ گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەبىر بوغۇننىڭ ئەزالىرى بىر - بىرىگە ئاكا - ئۇكا ۋە ئاچا - سىڭىل بولىدۇ، شۇنداقلا بىر - بىرىگە ئەر - خوتۇنمۇ بولىدۇ؛ لېكىن بوۋا ۋە مومىلار بىلەن ئۇنىڭ ئوغول - قىزلىرى ۋە نەۋرە - چەۋرىلىرىنىڭ، ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھلىنىشى بىكار قىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مۇھىم تەدرىجىي تەرەققىيات تاماملانغان. بۇ خىل نىكاھ ۋە جەمەت شەكلىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ قالاق قەبىلىلەردىمۇ ئىزى قالمىغان بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئېتنولوگ مورگان ھاۋايدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىق تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. قانداشلار نىكاھلانغان ئائىلە ئېھتىمال كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى تەبىئىي ئىش تەقسىماتى يېشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى جىنسىنىڭ ئۇچرىشىشىغا نىسپىي ھالدا چەك قويغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا بارا - بارا ياش ۋە قۇرداش بوغۇنلار بويىچە پەرقلەندۈرۈش شەكىللىنىپ، ئارقىدىنلا ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش جەھەتتىكى تەبىئىي تاللىنىشىمۇ مۇشۇنداق جەمەتنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم رول ئاينىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.