Uyghur主要词典
قانچىلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. سانى، مىقدارى، ھەجمى، ئېغىرلىق قاتارلىق جەھەتلەردە قانچە، نەچچە، نەچچىلىك.
كۆزۈم تورلىشىپ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى. مۇشۇ ھالدا قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن.
رەۋ. قايسى دەرىجىدە.
تاڭغا يېقىن ئۇ قاچتى، قانچىلىك ماڭغانلىقى نامەلۇم.
سۈپ <قايسى دەرىجىدىكى؛ ئەرزىمەس؛ ئانچە قىلىپ كەتكۈچىلىكى يوق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ قانچىلىك ئادەم ئىدى.
ئۇنىڭ قىلغىنىنى مەن قىلماي، ئۇنىڭ دەردلىرىنى ئاز تارتقىنىم يوق - قۇ، بۇ قانچىلىك ئىش.