Uyghur主要词典
قانداشلىق قىساسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە <قانغا قان ئالىدىغان> قىساس ئادىتى بار ئىدى. ئىسلام دىنىدا <قانداشلار قىساسى> دەپ قوللىنىلدى. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرىكى قەدىمكى ئەرەبلەر ئىچىدە شۇنداق قىلىش مەۋجۇت ئىدى. جەمەتى ياكى قەبىلىسىنىڭ ئەزالىرى سىرتنىڭ ھاقارىتىگە ياكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسا، پۈتۈن جەمەت ياكى قەبىلىگە قىلىنغان دەخلى - تەرۇز ھېسابلىنىپ، كوللېكتىپ قىساس ئېلىناتتى. ئىسلام دىنى گۈللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى تەڭداش قىساس، دىيەت ئېلىش، ناماقۇل بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئىگىلىدى.