Uyghur主要词典
پىستە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پىستە دەرىخى ۋە ئۇنىڭ مېۋىسى.
پىستە - بادام. * پىستە چاقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تېنى كىچىك، ئاياغلىرى قىسقا، تۈكلىرى ئۇزۇن ۋە پاخپاق بىر خىل ئىت.
پىستە قېرىسىمۇ كۈچۈك (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پىستە ۋە پىستە دەرىخى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتنىڭ بىر خىل نەۋئى، كىچىك، پاكار ۋە يۇڭلۇق بولىدۇ.
كۇكۇ كۈتكەننى بىلىدۇ. خاۋازىدىن خۇدا ساقلىسۇن. ئامەت قاچقاندا تۆگىگە مىنىۋالساڭمۇ پىستە چىشلەيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بويى، جۇغى پەس.
ئۇزۇنتۇرا، درازا، ئېگىز، شادىپاچاق، دوزاخ شوتىسى
بويى، جۇغى ئېگىز.
ئۇزۇنتۇرانىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكىنەكنىڭ جېنى چىقىپتۇ. دارازا دارغا چىقالماس. پەتەك داگازىدىن كۈلۈپتۇ. شادا پاچاقنىڭ پاچىقى ئاسان سۇنار. ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. دوزاخ شوتىسى ئەپ بىلەن ماڭمىسا، ئاسان يىقىلىدۇ، قېرىغاندا دۈمچىيىدۇ. پارپا ئىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. پىستە ئىت ئۆلگۈچە كۈچۈك. جەدىۋار سۆزگە ئۇستا.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
خاۋازا.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، پىستىگە ئۇرۇقداش چوڭ دەرەخ بولۇپ، 10 مېتىرچە ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ يۇمران نوتىلاردا توپلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك ياپراقلىرى بىردىن ~ ئۈچكىچە، شەكلى تۇخۇمسىمان، يوپۇرماق تومۇرلىرى تورسىمان ۋە ئېنىق بولىدۇ؛ گۈلى قارامتۇل يېشىل، ئۈچكىلىك مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە ياكى ئۇزۇنراق سوقىچاق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، قورۇقلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېغىزى، پوستى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسى، پوستى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، مېۋىسىنىڭ ئۈچكىسىنى چېقىپ، مېغىزىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا، بولۇپمۇ خوتەندە كۆپ ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش، بەدەننى سەمرىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
پىستە مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق، تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىستە مېغىزىنى ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەل تېلىپ ئاغرىش، جىنسىي ئاجىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىستە پوستىنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرسا، مەقئەت چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىستىنىڭ پوستى ۋە يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، نەزلىنى توختىتىدۇ.
بەش گرام پىستە پوستىنى سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
پىستىنىڭ شىرنىسى بىلەن باشنى يۇيۇپ بەرسە، ۋەسۋەسە ۋە مالىخولىياغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى ئېگىز ئۆسىدىغان چوڭ دەرەخ. مېغىزى دورا قىلىنىدۇ؛ بۆرەكنى ئىسسىتىپ، مۇسبەتلىككە ياردەم بېرىدۇ؛ ئىشتىھانى ئېچىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زوئولوگىيە
ئىتنىڭ بىر سورتى، تېنى كىچىك، تۈكلىرى ئۇزۇن، پۇتى قىسقا بولىدۇ، كىشىلەر تاماشا قىلىش ئۈچۈن باقىدۇ. <خورخور> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.