Uyghur主要词典
پىساكانې
دۇنيا تارىخى
(1818 - 1857) ئىتالىيە ئىنقىلابىي دېموكراتى ۋە خىيالىي سوتسىيالىستى. 1848 -يىلىدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان، رىم جۇمھۇىيەت ئارمىيىسىنىڭ شتابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب قاتناشقان، رىم جۇھمۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ شتابىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، <1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيە ئۇرۇشى> نى ئېلان قىلىپ، ئىنقىلاب تەجرىبلىرىنى يەكۈنلەپ، جۇمھۇرىيەتچى دېموكراتلار داھىيىىرىنى ئىنقىلاب مەزگىلىدە خەلق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىش كۈچلۈك بولمىدى، خەلقنىڭ ماددىي منپەئىتىگە سەل قارىدى، دەپ تەنقىدلىگەن. كېيىن <ئىتالىيە تارىخىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردىن مۇھىم نۇقتىلار> دېگەن ماقالىسىدە، ئىتالىيە ئىنقىلابى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ غەلىبىسى تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى نامراتلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، دېگەننى تەكىتلەپ كۆرسىتىپ، ئىتالىيە مىللىي بىرلىك ھەرىكىتىنى جەمئىيەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەمئىيەتنىڭ سىنىپىي ئانتاگونىيىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب دەپ قاراپ، يېزا - شەھەرلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە قارىتا ئىجتىمائىي مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويۇپ، سانائەت، دېھقانچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلق ئىنقىلابى جەريانىدا بۇرژۇئازىيە ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىنى مەھرۇم قىلىش - ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، ئىتالىيە دېھقانلىرى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەۈرگۈچى كۈچى. دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى گۈللىنىش ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ئىتالىيە سوتسىيالىزم ئىدىيىسى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. 1857 - يىلى ھەرىكەت پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان جەنۇبىي ئىتالىيە يۈرۈشىدە قازا تاپقان.