Uyghur←Chinese主要词典
پىستە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
阿月浑子
ā yuè hùn zǐ
بۇ سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق، پىستىگە ئۇرۇقداش چوڭ دەرەخ بولۇپ، 10 مېتىرچە ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ؛ يۇمران نوتىلاردا توپلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك ياپراقلىرى بىردىن ~ ئۈچكىچە، شەكلى تۇخۇمسىمان، يوپۇرماق تومۇرلىرى تورسىمان ۋە ئېنىق بولىدۇ؛ گۈلى قارامتۇل يېشىل، ئۈچكىلىك مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە ياكى ئۇزۇنراق سوقىچاق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، قورۇقلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېغىزى، پوستى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسى، پوستى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، مېۋىسىنىڭ ئۈچكىسىنى چېقىپ، مېغىزىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا، بولۇپمۇ خوتەندە كۆپ ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر توسالغۇلىرىنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش، بەدەننى سەمرىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
پىستە مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق، تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىستە مېغىزىنى ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەل تېلىپ ئاغرىش، جىنسىي ئاجىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىستە پوستىنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرسا، مەقئەت چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پىستىنىڭ پوستى ۋە يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، نەزلىنى توختىتىدۇ.
بەش گرام پىستە پوستىنى سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
پىستىنىڭ شىرنىسى بىلەن باشنى يۇيۇپ بەرسە، ۋەسۋەسە ۋە مالىخولىياغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق,يېزا ئىگىلىك
阿月浑子
ā yuè hùn zǐDباغۋەنچىلىك
阿目浑孜
ā mù hùn zīDئۆسۈملۈك
开心果
kāi xīn guǒ
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
ā yǒu hùn zǐ
阿有浑子
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
cháng máo xiǎo gǒu ,shī zǐ gǒu
长毛小狗,狮子狗