Uyghur主要词典
پىششىقلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تەكرارلاش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق بىرەر ئىشنى، نەرسىنى پىششىق، پۇختا ئۆگەنمەك.
ئۇ بىر يىلدىن بۇيان مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەللىكى بۆلۈمىدە ئىشلىدى، كەسپىنى پىششىقلىدى.
ياخشى، مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرمەك.
مۇھەررىر ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىدى.
چىڭىتماق، چىڭ، پۇختا ھالەتكە كەلتۈرمەك.
گىلەمنى پىششىقلىماق. كىگىزنى پىششىقلىماق.