Uyghur主要词典
پىششىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىداشلىق، ئۇزاققا تۆزىدىغان.
يەپ تۇر، بەك تۇر. ھەممىگە بېرىلمەي، بىرنى بەك تۇت. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. ھەممە ئىش قولىدىن كېلىدىغان كىشى بىرەر ئىشنىمۇ پىششىق بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما. مۇستەھكەن ئىرادە بولغاندا، ئۇلۇغ ھايات بولار. قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس. ئۇلى مەھكەم بولسا، ئۆيمۇ مەھكەم بولىدۇ. ئۆزى پۇختىنىڭ ئۆستىڭى يۇقىرىغا ئاقار. ئوننى چالا بىلگەندىن بىرنى پۇختا بىلگەن ياخشى. خيالىڭ يۈكسەك نىيەتلىك بولسۇن، ئىشىڭ پۇختا ۋە مەزمۇت بولسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇز پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان، كىشىگە قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىلنىڭ قازىنىدىكى ئاش - قۇدۇق تۈۋىدىكى تاش. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ئارتۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېگىن. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. مومسىق خوتۇننى جەننەتكە كىر دېسە، قوتۇر ئۆچكىسىنى يېتىلەپ ماڭار. . ئۇ شۇنداق پىخسىقكى، ئاسمان ئىسىنى، ئىت يۇندىسىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ راسا پىششىق ئالىقىنىنى يالايدىغان ئادەم. پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىر نېمە چىقارمۇ؟ ئۇ بوۋاي پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇنى قوي، ئۇ تاشتىن سۇ چىقىرىدىغان ئادەم. ئۇ ئادەم مۇنداق تۇرغىنى بىلەن تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلار، تىيننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەر بار ئىدى. شەھەر خەلقى مۇسانى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆڭەك بەرمەيدىغان پىخسىق دېيىشىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
يۇمشاق، بوش ، نازۇك
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاسمانغا ئىسىنى، ئىتقا يۇندىسىنى كۆرسەتمەيدىغان، تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان، پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان. ئۆزىنىڭ پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە قىيمايدىغان، باشقىلارغا قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
سېخىي، قولى ئوچۇق، قولى كەڭ
پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە مەرد، باشقىلارغا نەپ بېرىدىغان، ھىممەتلىك.
بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى. سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ جېنى چىقىپتۇ. قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېسەڭچۇ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. ئۇ شۇنداق پىششىقكى، قىش كۈنى قار سورىساڭ بەرمەيدۇ. خەسىس بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل ئارتۇق. ئۇ تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىرنېمە چىقارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلارمۇ، تىيىننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەرمۇ بار ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. پىشىپ يېتىلگەن، پىشقان (مېۋە - چېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە).
پىششىق تاۋۇز.
پەتتار بوۋاي، نەۋرىسى ئەكىرىپ بەرگەن پىششىق قوغۇننى كاسا قىلىپ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى.
سۈپ. پىشۇرۇلغان، خام ئەمەس، پىشقان.
پىششىق خىش، پىششىق گۆش.
سۈپ. كۆچمە. بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى قىلىشقا ماھىر، ئۇستا.
- ئۇ كەسىپتە پىششىق، سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى، ئۇ خۇددى تۇپا ئاستىدا بېسىلىپ قالغان ئالتۇن، - دېدى.
رەۋ. پۇختا؛ مۇكەممەل؛ تولۇق؛ راۋان؛ ياخشى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن بالىلار بۇ ناخشىنى خېلى پىششىق ئۆگىنىۋالدى.
سۈپ. يىپتىن - يىڭنىسىگىچە، تەپسىلىي، تولۇق.
يېزا باشلىقى بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان دېھقانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ چىقتى.
سۈپ. كۆچمە. مول - ھوسۇللۇق، مۇنبەت.
پىششىق يەر.
سۈپ. كۆچمە. باشقىلارغا بىرنەرسە بەرمەيدىغان؛ بېخىل.
پىششىق ئادەم.
سۈپ. كۆچمە. پۇختا، مۇستەھكەم، چىداملىق؛ ئوڭاي - ئاسان ئۈزۈلمەيدىغان، يىرتىلمايدىغان؛ بەك.
پىششىق رەخت، پىششىق ئارغامچا.
سۈپ. كۆچمە. ئورۇنلۇق، مەزمۇنلۇق.
سۆزنىڭ پىشىقى ياخشى. ئاشنىڭ ئىسسىقى ياخشى (ماقال).