Uyghur主要词典
پروكوپ
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1384 - 1434)يەنى چوك پروكوپ. خوس ھەرىكىتىدىكى تابورچىلار قوشۇنىنىڭ قومداندانى. ئەسلى مىسسىئونېر بولۇپ، زىزكا 1424-يىلى كېسەلدىن ئۆگەندە، ئۇنىڭ ئورنىغا تابورچىلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1427- ۋە 1431-يىللىرى پاپا ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىىڭ ئىمپېراتورى سىگىزمۇندنىڭ چېخىيىگە ئەۋەتكەن ئىككى قېتىملىق ئەھلىسەلى ئارمىىسىنى مەغلۇپ قىلغان؛ شۇ جەرياندا يەنە قوشۇنىنى باشلاپ ئاۋستىريە، ۋېنگرىيە، سىلېزىيە، ساكسونىيە ۋە فرانكونىيىلەرگە بېسىپ كىرگەن. 1433-يىلى بالتىق دېڭىزىنىڭ بويىغا بېرىپ، پلشانىڭ تيوتون رىتسارلار پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۆرىشىنى قوللىغان. كېيىن باسېل دىنىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، كاتولىك دىنىي كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغان. 1434-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى لىپانى (پراگانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان) جېڭىدە مۇقەددەس جامچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قۇربان بولغان.