Uyghur主要词典
پروستاگلاندىن
بىئولوگىيە
ئۇ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل توقۇلمىلىرىد ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان، كەڭ دائىرىلىك بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە بىر خىل ماددا. ئۇ دەسلەپ ھايۋاننىڭ سپېرما سۇيۇقلۇقىدىن بايقالغان بولۇپ، خاتا ھالدا مەزى بېزى (سپېرما بېزى) ئاجراتقان گورمون دەپ تونۇلۇپ، پروستاگلاندىن دەپ ئاتالغان. ئۇ بىر بەش كاربونلۇق ھالقا ۋە كاربون ئاتومىلىق ئىككى تال كاربون زەنجىرىدىن تۈزۈلگەن 20 كاربونلق تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنىڭ بەش كاربونلۇق ھالقىسىنى تۈزۈلۈشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن B, A, F, E قاتارلىق تىپلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. شۇڭا PGE, PGF, PGA ۋەPGB... دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. يەنە ھالقا سىرتىدىكى قوش باغلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن 1، 2، 3 قاتارلىق خىللارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. شۇڭا تەبىئىي پروستاگلاندىنلار 02 نەچچە خىلغا بۆلۈنگەن. پروستاگلاندىننىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى نىسبەتەن كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، كۆپىيىش، يۈرەك - قان تومۇر سىستېمىسى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرى شۇنىڭدەك نېرۋا سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھەرخىل سىلىق مۇسكۇللارغا قارىتا يۇقىرى دەرىجىدە ئاكتىپچانلىققا ئىگە بولۇپ تۇغۇت مەزگىلىدىكى بالىياتقۇنىڭ قسىقىرىشىغا تۈرتكىلىك قىلالايدۇ، كلىنىكىدا تۇغۇتنى تېزلىتىش ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ قان تومۇر سىلىق مۇسكۇللىرىنى بوشىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە؛ كانايچە سىلىق مۇسكۇللىرىنى كېڭەيتەلىگەچكە دەم سىقىلىشنى توختىتىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھەزىم قىلىش يولى جەھەتتە پروستاگلاندىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ۋە ئاشقازان ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى تورمۇزلىيالىغاچقا ئاشقازان - ئۈچەي يارىلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پروستاگلاندىن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تومۇزلاش رولىغا ئىگە بولغاچقا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا ترانسمىتتېر (ۋاسىتىچى ماددا) لىق رول ئوينىسا كېرەك دەپ تونۇلىدۇ. پروستاگلاندىننىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن كەڭ، فىزىئولوگىيىلىك رولىمۇ كەڭ دائىرىلىك، ئاكتىپچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا كلىنىكىدا قوللىنىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ.