Uyghur主要词典
پرولېتارلار بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
مېھنەتكەشلەر پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىلىپپىننىڭ ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1929-يىلى 5-ئايدا چاقىرىلغان فىلىپپىن ئىشچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئىشچى -دېھقانلار ھەرىكىتىدىكى ئىسلاھاتچىلار قۇرۇلتىيىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلتايدىن چېكىنىپ چىقىپ، يېڭىدىن مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا پرولېتارلار بىرلەشمىسى دەپ نام بەرگەن. ئېۋانگىلىستا ۋە ئورا (1890 - 1931) لار رەھبەر بولغان. كېيىن دېھقانلار بىرلەشمىسىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇ يىلى 8-ئايدا، خەلقئارا پرولېتارلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتىپ، ۋىلادۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشتۇرغان. بىرلەشمە، ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا، پومېشچىك جازانىخورلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. جاھانگىرلىكنى زۇلىمى يوقىتىپ، فىلىپپىننىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرلەشمە ئەمەلىيەتتە فىلىپپىن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ (1930-يىلى قۇرۇلغان) تەكتىدىن ئىبارەت.