Uyghur主要词典
پيرروس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 319 - 272) قەدىمكى يۇنان ئېپىر پادىشاھى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 307 - 303، مىلادىدىن ئىلگىرى 297 - 272). كىچىكىدە ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور) غا چوقۇنغان. باتۇر، لېكىن قارا نىيەت ئىدى. ئۇ 12 يېشىد تەختكە ئولتۇرغان، بىر مەھەل ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. ئاچىسىنىڭ ئېرى دېمېترى بىلەن كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، ئىپسوس ئۇرۇشى (مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرى) غا قاتناشقان. ئايلىنىپ يۈرۈپ، مىسىرغا بېرىپ، كوراگان بولغان، پتولېمىي پادىشاھلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېپىرغا قايتىپ كېلىپ، تەختنى ئەسلىەە كەلتۈرگەن. ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا زور ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىد، ئالدى بىلەن ماكېدونىيە كاسساندروسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى( نىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن دېمېترى ماكېدونىيىدە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلغان. پىيرروس پتولېمىي Ⅰ ۋە لىيسىماكوس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ جازا يۈرۈشى قىلىپ، ماكېدونىيىنىڭ يەنە بىر قىسىم زېمىنىنىڭ بۆلۈۋېلىپ، كۈچ - قۇدرىتى ئاشقان. يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى تاربنتومنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىدىن 280 يىل ئىلگىرى 20 مىڭ پىيادە ئسكەر، ئۈچ مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ۋە يىگىرمە ئۇرۇش يىلىنى باشلاپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە كىرگەن. دەسلەپتە ھېراكلېيە ئەتراپىدا رىم ئىمپېراتورى ۋالېرىئوس بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، غەلىبە قىلغان، لېكىن كۆپلىگەن جانلىق كۈچىدىن مەھرۇم بولغان )كېيىنكىلەر ناھايىتى زور زىيان تارتىپ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنى <پىيرروسچە غەلىبە> دەپ ئاتاشقان(. ئىككىنچى يىلى ئاسكولۇم ئەتراپىدا رىمنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ، رىم سىناتىغا كېلىشىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغان. مىلادىدىن 278 يىل ئىلگىرى سىرا ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سىتسىلىيىگە بېرىپ، كارفاگېن بىلەن ئۇرۇش قىلغان. يۇنان مۇستەملىكە شەھەرلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن غەلىبە قىلغان. لېلېبا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن، ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۈچ يىل ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ھېچاندااق نەتىجە قازىنالمىغان. مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى كۈزدە ئىتالىيىگە بارغان، ئىككىنچى يىلى رىم ئىمپېراتورى دېنتاتۇس )مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىر( بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بېنېۋېنتۇمدا مەغلۇپ بولۇپ، رەسۋاسى چىقىپ دۆلىتىگە قايتقان، كېيىن جەنۇبىي يۇنانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئارگوستا ئۇرۇشتا ئۆلگەن.