Uyghur主要词典
پياۋشەنيوڭ
دۇنيا تارىخى
(1900 - 1955) چاۋشىيەننىڭ چۇڭچوڭ - نامدو دېگەن يېرىدىن، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ياپونغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1919-يىلى بىرىنچى مارت ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىگە قېچىپ كەلگەن. 1932-يىلى موسكۋا يىراق شەرق مىللەتلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش سەپىرىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1925-يىلى <كورىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى> نى تەشكىللەپ، مەسئۇل كاتىپ بولغان. شۇ يىلى يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان. كېپىلگە بېرىلگەندىن كېيىن، 1931-يىلى شاڭخەيگە كېلىپ، چاۋشيەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1933-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1939-يىلى تۈرمىدىن چىققان. كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، بىناكارلىق ئىشچىسى نامى بىلەن، ياپونغا قارشى يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، دەرھال چاۋشيەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتكەن. شۇ يىلى 9-ئايدا پارتىيىنىڭ مەسئۇل كاتىپى بولغان. 1946-يىلى چاۋشيەن دېموكراتىك مىللىي سېپىنى تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا تائېگۇ خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى ئۇنى تۇتماقچى بولغانلىقتىن، چاۋشىيەننىڭ شىمالىي قىسمىغا قېچىپ كېلىۋالغان. 1948-يىلى چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1949-يىلى جەنۇبىي - شىمالىي چاۋشىيەن ئەمگەك پاتىيىلىرى قوشۇلۇپ، چاۋشىيەن ئەمگەك پارتىيىسى بولغاندا، پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1950-ىلى چاۋشيەن ۋەتەن ئازادلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلق ئارمىيىسى باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1952 يىلى ئامېرىكا جاسۇسى دەپ پاش قىلىنىپ، 1953-يىلى پارتىيىدىن چىقىرىلغان، 1955-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.