Uyghur主要词典
پېئىل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
گرامماتىكا ئاتالغۇسى. سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى، ھالىتى، ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر.
پېئىل ئۆتۈملۈك پېئىل، ئۆتۈمسىز پېئىل، ياردەمچى پېئىللارغا بۆلۈنىدۇ. * پېئىلدا يەنە دەرىجە كاتېگورىيىسى، زامان كاتېگورىيىسى، شەخس كاتېگورىيىسى، مەيل كاېگورىيىسى بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىجەز - خۇلق، خاراكتېر، كەيپىيات، روھىي ھالەت.
خۇش پېئىل. * كىچىك پېئىل. * كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن (ماقال).
كۆپلەر بار دۇنيادا گەپ - سۆزى جانان،
لېكىن پېئىل ئېتبارى ياماندىن يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماختانمايدىغان، مەغرۇرلانمايدىغان. ئۆزىنى تۆۋەن بىلىدىغان خىسىلەتلىك.
كەمتەر ئىززەت - ھۆرمەتنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تىلشۇناسلىق
شەيئىلەرنىڭ ئىش - ھەرىكىتى، ھالىتى، ئۆزگىرىشى، ئىپادىسى ۋە سېزىمى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى.
ئۆتۈملۈك پېئىل. ئۆتۈمسىز پېئىل. ياردەمچى پېئىل. پېئىل زامانلىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
كىشى خاراكتېرىنى تەشكىل قىلغۇچى روھىي خۇسۇسىيەتلەر يىغىندىسى، روھىي ھالەت، كەيپىيات؛ خاراكتېرى، خۇلق.
كىچىك پېئىل.
ئۇ كىشىلەر بىلەن ئاسان چىقىشىپ كېتەلەيدىغان خۇش پېئىل، ئەمگەكچان ئادەم ئىدى.