Uyghur主要词典
پاۋلۇۋنىڭ ھېسيات نەزەرىيىسى
پسىخولوگىيە
پاۋلوۋنىڭ ھېسيات ياكى كەيپىيات توغرىسىدىكى كۆز قارىشىدا ئىككى تۈپ نۇقتا بار: بىرى، كەيپىيات بىلەن « تۇغما قابىلىيەت » نى بىر دەپ قاراش، ئۇنىڭچە، كەيپىيات، ھاياجانلىنىش مېڭە پوستىلاق قەۋىتىنىڭ تىزگىنلەش كۈچى ئاجىزلاشقان شارائىت ئاستىدا ناھايتى مۇرەككەپ شەرتسىز رېفلېكسنىڭ ( تاجاۋۇز خاراكتېرلىك، پاسسسپ ھالدىكى مۇداپىئە خاراكتېرلىك ۋە باشقا رېفلېكسلەر _ پوستىلاق ئاستى مەركەزلەرنىڭ فونكىسيىسى ) ئۈستۈن بولۇشى ۋە توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن ئىبارەت. يەنە بىرى، چوڭ مېڭە پوستلىقىدا دىنامىك ستېرېئوتىپنىڭ تىكلىنىپ ساقلىنىشى ياكى بۇزۇلۇشىنى ھېسياتنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى دەپ ھېسابلاش. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىدا دىنامىك ستېرېئوتىپنىڭ تىكلىنىش ۋە ساقىلىنىش ۋاقتىدىكى نېرۋا جەريانى ئادەتتە ئېيتىلىپ يۈرگەن ھېسياتتىن ئىبارەت. ھېسيات ئىككى تۈپ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىنكار قىلىش لېكىن بۇلارنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تولىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ. بۇ ستېرېئوتىپنىڭ بەرپا بولۇش جەريانى. تاماملىنىش جەريانى ۋە ستېرېئوتىپنىڭ ساقلىنىشى ھەمدە بۇزۇلۇشى سۇبيېكتىپ جەھەتتە ھەر خىل مۇئەييەنلەشتۈتۈش خاراكتېرلىك ياكى ئىنكار قىلىش خاراكتېرلىك ھېسياتتىن ئىبارەت بولىدۇ ».
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。