Uyghur主要词典
پاۋىل
دۇنيا تارىخى
(1754 - 1801) روسىيە چار پادىشاھى (1796 -1801). يېكاتىرىنا Ⅱ نىڭ ئوغلى. كىچىك چېغىدىن تارتىپ پرۇسسىيەچە ھەربىي تەلىم ئالغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. پرۇسسىيىنىڭ ھەربىي قائىدە - تەرتىپلىرىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىپ، جازا كالتىكى بىلەن ئەسكەرلەرنى مەشق قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، پايتەختنى ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى ھەربىي لاگېرغا ئايلاندۇرغان. پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. خۇسۇسىي باسما زاۋۇتلارنى پىچەتلەپ، چەت - ئەل كىتاب - ژورناللىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنىڭ تارقىلىشىنى توسۇغان. پايتەخت مەركىزىدە كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىستىھكام - قەلئەلەرنى ياسىتىپ، ئەسكەرتۇرغۇزغان. سىرتقا قارىتا 1789 - 1799- يىللاردا ئاۋسترو - ۋېنگرىيە، ئەنگىلىيە، تۈركىيىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان، كېيىن يەنە فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگلىيەگە قارشى تۇرغان. 1801 - يىلى كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى بۇخارا ئارقىلىق ھىندىستانغايۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. روسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ سودا مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.