Uyghur主要词典
پاۋلوۋرۇس
پسىخولوگىيە
فىزىئولوگى. ئۇنىڭ ئىلمىي تۆھپىسىنى ئۈچ مەزگىل، ئۈچ ساھەگە، يەنى يۈرەك فىزىئولوگىيىسى، ھەزىم فىزىئولوگىيىسى ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيەتى فىزىئولوگىيىسىگە بۆلۈشكە بولىدۇ، ئۇ ھەزىم فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەرتلىك رېفلېكسكە مۇناسۋەتلىك نەزەرىيىلەرنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئالىي نېرۋا پائالىيىتى فىزىئولوگىيىسىنىڭ يېڭى تەتقىقات يولىنى ئاچتى. 1903 _ يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ يېڭى ساھەدە ئىزدىنىش ۋە ئىشلىتىشكە تىرىشىپ، ئالىي نېرۋا پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەلىماتقا ئاساس سالدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى تەلىماتى تىبابەتچىلىك، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە پەنلىرىگە ناھايتى زور تەسىر كۆرسەتتى. 1904 _ يىلى فىزىئولوگىيە جەھەتتىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار، ئاساسلىقلىرى « ھەزىم بېزىنىڭ فۇنكىسيىسى ھەققىدىكى كونسىپىك »، « ھايۋانلارنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى ( ھەرىكىتى ) نى ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىشتىكى 20 يىللىق تەجرىبە » ۋە « چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ فۇنكىسيىسى ھەققىدىكى كونسىپىك » ۋە باشقىلار.