Uyghur主要词典
پاڭ شىليەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1902 - 1958) جۇڭگودىكى ئىسلام ئۆلىماسى، خېنەن مىڭشەنلىك، خۇيزۇ. بالىلىق دەۋرىدە مەسچىتتە دىنىي بىلىم ئالدى. كېيىن خۇ يەنچاڭ، مازىچىن، دىڭ شىرىن، ما لەنسەن قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتتى. 1922 - يىلى خېنەندىكى چىڭياڭدا مەدرىسىنى پۈتتۈرۈپ، تەكلىپ بويىچە جىڭجۇدىكى چىڭپىڭلى مەسچىتىدە ئاخۇن بولدى. يۇرتىدا دىنىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچتى. سەنشىدىكى جۇڭشى مەكتىپىدە، بېيپىڭدىكى چىڭدا دارىلمۇئەلىمىندا ئوقۇتقۇچى بولدى. 1937 - يىلى جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە مىسىرغا بېرىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي فىقھە ئوقۇدى. مىسىردا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەرەب دۇنياسىغا جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇشىنى تەشۋىق قىلدى. 1947 - يىلى جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، بېيپىڭ سىفەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئۆتتى. شۇ يىلى ماسۇڭتىڭ، ئەي يىزەي قاتارلىق كىشىلەر بىەن بىرلىشىپ، بېيپىڭ مەدرىسىنى ئاچتى؛ يۆخۇا مەدەنىيەت مۇلازىمەت جەمئىيىتى قۇردى؛ <يۆخۇا> ژۇرنىلى ۋە <يۆخۇا ھەپتىلىك گېزىتى> چىقاردى. ئازادلىقتىن كېيىن، خۇيزۇلار ئىنستىتۇتىدا ۋە جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولدى. 1953 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلاندى. <جۇڭگو ۋە ئىسلام دىنى> (ئەرەبچە، مىسىردا نەشر قىلىندى)، <مىسىردا توققۇز يىل>، <جۇڭگودىكى مەدرىسە تەربىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دەرسلىكى>، <كىتابۇل ئەربەئىن ئەل نەۋەۋىيە>، <تارىخۇل تەشئىرىل ئىسلامى>، <رىسالە تۇسسەلام>، <ئىسلام دىنى مەزھەپلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى ۋە تەرجىمە قىلدى.